باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغانغا ۋاقتى يوق، دەپ ئېيتتى

2018.01.19 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ۋە ئىجتىمائىي پەن ھۆججەتلەر نەشرىياتى ئۇيۇشتۇرغان بالىلار ھەققىدىكى كۆك تاشلىق كىتابى «جۇڭگو ئۆسمۈرلىرىنىڭ قاتنىشىش ئەھۋالى دوكلاتى (2017)»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 18-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆك تاشلىق كىتابتىكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئاددىي، تۇرمۇش دائىرىسى سەل تار ئىكەن، يېرىمدىن كۆپرەك ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن دوستلىرى بىلەن ئوينايدىغانغا ئاساسەن ۋاقتى يوق ئىكەن.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەن بالىلار ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۇرمۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بولۇپ، قاتنىشىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە قاتنىشىشقا قارىتا كەڭ دائىرىدىكى قىزىقىشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بار ئىكەن، ئۇلار جەمئىيەتنى چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قاتنىشىشكە ئىنتىزار ئىكەن. بەزى مىساللاردا ئىپادىلىنىشىچە، مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت قاتارلىق ئۈچ ساھەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى، سىياسىيغا قاتنىشىشى ۋە توردا قاتنىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بالىلارنىڭ قاتنىشىشى ئۇتۇقلۇق بولغان بىر قىسىم مىساللار بار ئىكەن.

  لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېرىمدىن كۆپرەك ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن دوستلىرى بىلەن ئوينايدىغان ۋاقتى يوق دېيەرلىك ئىكەن، بۇ نىسبەت باشلانغۇچ مەكتەپلەردە %54.6، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە %61.4 ئىكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە %66 ئىكەن. دوسلىرى بىلەن ئويناش پۇرسىتى بار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئويناش ۋاقتىمۇ بىر سائەت ئەتراپىدا ئىكەن.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئائىلە تاپشۇرۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن. تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىدىن قارىغاندا %52.4 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر سائەت ئىچىدە تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالايدىكەن، %30كە يېقىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەقەت %22.1 ئوقۇغۇچى بىر سائەت ئىچىدە تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالايدىكەن، %54.6 ئوقۇغۇچى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا، پەقەت %12.9 ئوقۇغۇچى بىر سائەت ئىچىدە تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالايدىكەن، %72.4 ئوقۇغۇچى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن، %41.2 ئوقۇغۇچى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2008- يىلى تارقاتقان «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى لايىھەسى»گە ئاساسەن، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى ۋاقتىنى بىر تۇتاش پىلانلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە تاپشۇرۇقى قالدۇرۇلماسلىقى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باشقا يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازما ئائىلە تاپشۇرۇقى ۋاقتى 60 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىنىشى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەر قايسى يىللىقلىرىنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى ۋاقتى 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ناھايىتى روشەنكى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي تاپشۇرۇق مىقدارى بۇ بەلگىلىمىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر