باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر مىليارد 350 مىليوندىن ئارتۇق كىشى سۇغۇرتىغا قاتناشتى

ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورىنى پۇختا بەرپا قىلدى

2018.02.13 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 12-فېۋرال ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليارد 350 مىليوندىن ئېشىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولغان، ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتى تورىنى ياخشى، پۇختا بەرپا قىلغان. 2017-يىلى ئېلىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردىمى ئۆلچىمى 450 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە 375 خىل دورا كىرگۈزۈلۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقان.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خېشېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، 1 مىليارد 50 مىليون كىشىنى قاپلاپ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن داۋالاش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 پىرسەنت پوئىنت ئەتراپىدا ئۆستى. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى، داۋالاش ياردىمى، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش، خەير-ساخاۋەت، تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن ساغلاملىق سودا سۇغۇرتىسى زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە 2013-يىلى ئورنىتىلىپ يولغا قويۇلغان كېسەللىكتىن جىددىي قۇتقۇزۇش-پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى بويىچە 700 مىڭ ئادەم(قېتىم) گە ياردەم بېرىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر