باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2018.02.07 10:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرلۈك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار (ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ياش، ئوتتۇرا ياش پەن-تېخنىكا تايانچلىرى بۇ يىللىق ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تەربىيىلەش مەزگىلىدىكى ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن تولۇق سومما بويىچە بېرىلىدۇ.

  ئالدىنقى كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئالاھىدە تەربىيەلەش پىلانىغا 400 ئادەم تاللىنىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن كەسپىي ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، نەق مەيداندا تەربىيەلەش بىلەن توردا تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ياكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىپ تەربىيەلىنىدىكەن.

  يېشى 45 ياشتىن تۆۋەن (45 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بەلگىلىك خەنزۇ تىلى ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كومپيۇتېردا پىششىق مەشغۇلات قىلالايدىغان، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئىگە (قىسمەن قىس بولۇۋاتقان كەسىپلەر ياكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ۋە باشلانغۇچ دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلارغا كېڭەيتىلسىە بولىدۇ)، مۇئەييەن تەتقىقات، تۈر تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تايانچلىرى ياكى پەن باشلامچىلىرى تاللاش دائىرىسى ئىچىدە بولىدىكەن.

  ئىلتىماس قىلغۇچىلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش تورى (www.xjzcsq.com) نىڭ «ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدە تەربىيەلەش» سەھىپىسىگە چىقىپ مەسلىھەت سورىسا، توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، ئىلتىماس دەرىجىمۇ دەرىجە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدىكەن. توردا ئىلتىماس قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاخىرقى تەكشۈرۈش ئورنى يازما ماتېرىياللارنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە تاپشۇرىدىكەن. توردا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 15-مارتقىچە، يازما ماتېرىياللارنى ئەۋەتىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش بولسا شىنجاڭنىڭ 5- تۈركۈمدىكى ئالاھىدە تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر