شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 20-قېتىملىق، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى 15-پارچە مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلدى. «ھۆججەت»نىڭ تېمىسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ھۆججەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانچىلىقنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپ قىلىپ، يېزىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھۆججەتتە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى نىشان ۋە ۋەزىپىلەر بېكىتىلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولۇپ، تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ 2035-يىلىغا بارغاندا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2050- يىلىغا بارغاندا، يېزىلار ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى