باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىلىش مىقدارى 13 مىليون پارچىدىن ئاشتى

2018.02.05 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 2- كۈنىگە قەدەر، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى(گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) باش بولۇپ، مەركىزى كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو چەتئەل يېزىقى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تەھرىرلىگەن، چەتئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا»دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومى خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىلىش مىقدارى 13 مىليون پارچىدىن ئاشتى. بۇ، مۇخبىرنىڭ 2- چېسلا كۇبادا ئۆتكۈزۈلگەن "جۇڭگو كىتاب مەركىزى" قۇرۇلۇشى مۇراسىمى يىغىنىدىن ئىگىلىگەن خەۋەر.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا»دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومى 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى تارقىتىلغاندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتىپ، پۈتۈن دۇنيادا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيان جۇڭگو رەھبەرلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تارقىتىلىش مىقدارىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە مۇرەككەپ خەت شەكلىدىكى نۇسخىسى، ھەمدە فىرانسۇز تىلى، ئىسپان تىلى، گېرمان تىلى، رۇس تىلى، ياپون تىلى، ئەرەب تىلى ۋە پورتۇگال تىلى قاتارلىق نۇسخىلىرىمۇ چىڭ تۇتۇپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى،

  چەتئەل يېزىقى ئىدارىسى 16 دۆلەتنىڭ داڭلىق نەشرىيات ئورگانلىرى بىلەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئەسلەتمىلىرى ئۈستىدە ئىمزالاشتى. بۇنىڭ بىلەن، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا»دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىنىش ۋە نەشىر قىلىنىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

  بۇ كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى قىلغان سۆزلىرى، سۆھبەت خاتىرىلىرى، نۇتۇقلىرى، تەستىقلىرى، تەبرىك تېلېگراممىلىرى قاتارلىق 99 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن. ئەسەرلەر 17 مەخسۇس تېمىگە بۆلۈنگەن بولۈپ، ئۇنىڭدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغانلىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتەك ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەتلىرى جانلىق خاتىرىلەنگەن؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى مەركەزلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى سىلجىتىش، ئىنسانلار تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىكى جۇڭگو پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى تولۇق ئىپادىلەنگەن.

  كۇبادىكى"جۇڭگو كىتاب مەركىزى"نى جۇڭگو چەتئەل يېزىقى ئىدارىسى بىلەن كۇبا دۆلەت كۇتۇپخانىسى بىرلىكتە قۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدا، جۇڭگو تېمىسىدىكى كىتابلار ئارقىلىق، كۇبادىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئىستېرېئولۇق، رېئال ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەرەققى قىلىۋاتقان جۇڭگونى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان. مۇراسىمدا، جۇڭگو چەتئەل يېزىقى ئىدارىسى كۇبادىكى"جۇڭگو كىتاب مەركىزى"گە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا»دېگەن كىتابنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تومى، ھەمدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەندەك كىتابلار بولۇپ، كۆپ خىل تىللىق كىتابلاردىن 300 نەچچەخىل كىتابنى تۇنجى تۈركۈمدە سوۋغا قىلدى. بۇ، جۇڭگو چەتئەل يېزىقى ئىدارىسىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونلىرىدا قۇرغان ئىككىنچى "جۇڭگو كىتاب مەركىزى" ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا، پولشا، تايلانت، نېپال، شۋېيتسارىيە ۋە پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئالتىنچى "جۇڭگو كىتاب مەركىزى" ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر