باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلارنىڭ تۆھپىسى بار

10 نەپەر چەتئەللىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەقدىرلەندى

2018.02.02 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- فېۋرال، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېيجىڭدا تاراتقۇلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە نېپال، مالايشىيا، پاكىستان ۋە سېربىيە قاتارلىق «بىر بەلباغ ، بىر يول» بويىدىكى توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن 10 نەپەر مۇنەۋۋەر چەتئەللىك خىزمەتچىنى تەقدىرلىدى. تەقدىرلەنگەن چەتئەللىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورۇنلىرى بولسا، باشقۇرۇش خادىملىرى، تېخنىكا مەسئۇللىرى، كەسىپ مەسئۇللىرى ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېگەندەك كىشىلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگودىكى كارخانىلىرىرىدا بازار ئېچىش ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  كۆرۈشۈش يىغىنىدا، 10 نەپەر چەتئەللىك ئىشچى-خىزمەتچى ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ۋە جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ نەق مەيدانلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتلىرىنى سۆھبەتكە قاتناشقانلار بىلەن ھەم بەھىرلەشتى، ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قايىل بولۇش تۇيغۇسىنىمۇ بىلدۈرۈشتى، ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بولغان ئىشەنچىلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىمۇ ئىپادە قىلىشتى.

  جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى چەتئەل ئىشلىرى بۆلۈمى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە باش دىرېكتورى ۋاڭ جىڭشۈن مۇنداق تەكىتلىدى: «بېيىش ئۈچۈن ئاۋۋال يول ياساش كېرەك، جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بۇ ھەم جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دۇنيا خەلقى بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىكى مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ياسىغان كۆۋرۈكلىرى 100 نەچچىگە يەتتى، ياسىغان تاشيوللار 10مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، ئىمزالانغان ۋە يولغا قويۇلغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشلىرى ئىككى مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر