باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

تۇغقانلاشقان قىزىم رازىيەنىڭ ئارزۇسى

2018.02.02 15:36   مەنبە: خەلق تورى

تۇغقانلاشقان قىزىم رازىيەنىڭ ئارزۇسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلىدىن قاھار نىياز) بۇ يىل قەھرىتان قىشتا سوغۇق قاتتىق بولغان بولسىمۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى كۆڭۈللەرنى ئىللىتىپ، قەھرىتان قىشقا ئۆزگىچە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن يېتىپ-قوپۇشتا، تاماقتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى چوڭقۇر مەنالارغا ئىگە قىلدى. بۇ جەرياندا ئۆي-ئۆيلەردە نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر مەيدانغا كەلدى.

  مېنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنىم رازىيە مەكىت ناھىيەسىنىڭ بازارجەمى يېزىسى چامغۇرلۇق كەنتىدىن بولۇپ، بىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن 2-تۈركۈمدە تۇغقان يوقلىغىلى بارىدىغان كادىرلار 12-ئاينىڭ 14-كۈنى يولغا چىقىپ، 15-كۈنى مەكىتكە يېتىپ باردۇق. مەن «غەربىي دىيار» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى سەي يەن ۋە «مىللىي يازغۇچىلار» ژۇرنىلىنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى ۋېي نا ئۈچىمىز بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندۇق. بىز مەسلىھەت قىلىپ، ئاۋۋال چامغۇرلۇق كەنتىدىكى تۇغقىنىم پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى ئىسمائىل سامساق ئاكىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلىشىدىغان بولدۇق. بۇ چاغدا مەكىتتە بۇ يىلقى تۇنجى قار يېغىۋاتقان بولۇپ، چامغۇرلۇق خەلقى بىزنى ئاپئاق قاردىن داستىخان سېلىپ قارشى ئالغان ئىدى.

  ئىسمائىل ئاكا، ئايالى مەرىگۈل ھەدە ۋە ئۇلارنىڭ نەۋرىسى رازىيە بىزنى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىز مەش قويۇلغان ئىللىق ئۆيدە داستىخان ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ، سۇيۇقئاش ئىچكەچ قانغىچە ئەھۋاللاشتۇق، مۇڭداشتۇق، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. مەن ئالدىنقى قېتىم يوقلاپ كەلگەندە ئۇلار كونا ئۆيدە بولۇپ، بۇ قېتىم ئاپئاق ئاقارتىلغان قىش قۇرۇلمىلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپتۇ. ئالتە تۇياق قويى بار ئىدى. كېيىن كەنتتىن يەنە سەككىز تۇياق قوي تارقىتىپ بېرىپ، ھازىر جەمئىي 14 تۇياق قويى بار بوپتۇ. ئالدىنقى قېتىم بوۋاي ماڭا ياشىنىپ قالغاچقا، يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت ئەمگىكىدىن قىينىلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ قېتىم مەجبۇرىيەت ئەمگىكى تولۇق بىكار قىلىنىپ، بوۋايمۇ خېلى يەڭگىللەپ قاپتۇ. بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر، يېڭىلىقلار بولۇپتۇ. ئىسمائىل ئاكامنىڭ تۇرمۇشىدىكى يەنە بىر يېڭىلىق ئۇلارنىڭ قىزى رابىيگۈل ناھىيە بازىرىدىكى چىلان پىششىقلاش زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئائىلىنىڭ ئازراق بولسىمۇ يۈكى يەڭگىللەپتۇ، شۇڭا ئۇلار نەۋرسى رازىيەنى بېقىش ئۈچۈن يېنىغا ئەكىلىۋاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيى تېخىمۇ ئاۋاتلىشپ كېتىپتۇ. رازىيە ئون ياشلاردىكى تولىمۇ چىرايلىق، ئەقىللىق قىز بولۇپ، چامغۇرلۇق كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. بىزنى ئەڭ قايىل قىلغىنى بۇ قىز قوش تىل يەسلىدە ئوقۇيدىغان بولغاچقا، دۆلەت تىلىنى خېلى راۋان سۆزلەيدىكەن. رازىيە سەي يەن، ۋېي نا ئاچىلىرى بىلەن چۈچۈك دۆلەت تىلىدا پاراڭلاشتى. بىزنىڭ دۆلەت تىلى سوئاللىرىمىزغا جايىدا جاۋاب بەردى. رازىيە تېخى بىزگە دۆلەت تىلىدا ناخشىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئۈچ مېھمانغا قەۋەتلا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ھېلىدىن ھېلىغا بىزدىن ئۈرۈمچى توغرىلىق سوئاللارنى سورايتتى، قۇچىقىمىزغا چىقىۋالاتتى، تېلېفونىمىزنى ئېلىپ سۈرەتكە تارتاتتى. تاماقتىن كېيىن بىز 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى بىللە ئۆگەندۇق. مەن قولۇمدىكى دۆلەت تىلى ماتېرىيالغا ئاساسەن 19-قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئېلىمىز ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈردۈم. رازىيە خۇددى ھەممە گەپلىرىمنى تولۇق چۈشىنىۋاتقاندەك دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇردى. ئۇ قولۇمدىكى «19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىيالى»نى قولىغا ئېلىپ، قايتا-قايتا ۋاراقلىدى، ئاندىن مەندىن: «قاھار دادا، مەن قاچانمۇ سېلىدەك بۇ خەتلەرنى تولۇق ئوقۇيالايدىغان بولارمەن؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: «سىز ھەرگىز قانائەتلىنىپ قالماي، دۆلەت تىلىنى چوقۇم تىرىشىپ ياخشى ئۆگەنسىڭىزلا، چوڭ بولغاندا بىزدىنمۇ كۆپ كىتابلارنى ئوقۇيالايدىغان بولىسز» ، دېدىم. رازىيە ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپ، بېشىنى لىڭشىتتى. سەي يەن رازىيەدىن: «چوڭ بولغاندا نېمە بولغىڭىز بار؟» دەپ سورىدى. رازىيە ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ ئۇسسۇلچى بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. دەرۋەقە بۇ قىزنىڭ زىلۋا ھەم ئېگىز بويى، بۇلاقتەك بىر جۈپ كۆزلىرى، ئىلىپتەك قاڭشارلىق بۇرنى كەلگۈسىدىكى بىر ئۇسسۇل ئارتىسىنىڭ كىچىكلىتىگەن سىماسى ئىدى. رازىيە بىزدىن قانداق قىلسا ئۇسسۇلچى بولالايدىغانلىقىنى سورىدى، بىز قىزچاققا ھازىردىن باشلاپ چوقۇم تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلسا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، بۈگۈنكى ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ئارزۇسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۇق. ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم ۋە ئىشەنچ جىلۋىلەندى. ئەتسى ئەتىگەندە بىز گۇرۇپپىدىكى ئۈچەيلەن رازىيە ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھويلىدا قار تازلىدۇق، قار بوۋاي ياساپ بىللە سۈرەتكە چۈشتۇق. بۇ جەرياندا رازىيەنىڭ چىرايىدىن كۈلكە ئۆچمىدى. بىز ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئۆيىدە ئىككى كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قالدۇق. بۇ ئىككى كۈندە بىز بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەپ، بىللە ئەمگەك قىلدۇق. بىللە يېتىپ- قوپۇپ، ھاۋادىن تەڭ نەپەس ئالدۇق. مېھرىمىز، تېنىقلىرىمىز بىر-بىرىگە سىڭىشتى، قەلب رىشتىمىز چىڭ چىگىلدى. گۇرۇپپىمىزدىكى ۋېي نانىڭ تۇغقىنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان ۋاقتىمىزدا رازىيە بوۋا، مومىسى بىلەن تەڭ بىزگە: «كەتمەڭلار، مۇشۇ ئۆيدىلا تۇرۇڭلا» دەپ ئالدىمىزنى توسۇپ تۇرۇۋالدى. بىز چۈشەندۇردۇق. ئۇ: «ئۇنداق بولسا مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىمەن»، دەپ تۇرۇۋالدى.

  بىز ئۇنىڭغا كەتكىچە يەنە كۆرۈشىدىغىنىمىز توغرىلىق ۋەدە بەردۇق. ئۇ مىڭ تەستە قايىل بولۇپ قېپقالدى.

  ئەتە ئۈرۈمچىگە ماڭىمىز دېگەن كۈنى بىز ئۇلار بىلەن خوشلاشقىلى كەلدۇق. رازىيە ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. بىز كېيىنكى قېتىم كەلگەندە رازىيەگە سەنئەتكە دائىر كىتابلارنى ئەكىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدۇق. ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ، قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.

  شۇ دەقىقىلەردە مېنىڭ كۆزۈمدىمۇ ئىختىيارسىز ياش ئەگىدى. قىسقىغىنە ئىككى كۈندە بىز ئىسمائىل ئاكا ئائىلىسدىكىلەرگە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ھېس قىلدۇردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتاي ئارقىلىق خەلقىمىزگە بەرگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋەدىسىنى يەتكۈزدۇق. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈنلەرنى يەشتۇق، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك قەلبىنى، بىزدىن كۈتكەن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى، ئىشەنچىنى چۈشەندۇق، ھېس قىلدۇق. بۇ قېتىمقى «تۇغقان يوقلاش ھەپتىلىكى»دە ئۈچ ئائىلىدە ئوخشىمايدىغان تەسىرلىك ھېكايىلەر توقۇلدى، ئوخشىمايدىغان ئارزۇ-ئۈمىدلەر ئىپادىلەندى. بولۇپمۇ سەبىي، ئوماق يېزا قىزى رازىيەنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئارزۇسى قەلبىمىزدە مەھكەم ئورناپ قالدى. ئۇ بىز بولغاچقىلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنىڭ چوقۇم پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. بۇ بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

  شۇنداق، رازىيە بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى، ئۇنىڭ ئارزۇسى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشسا ۋەتىنىمىزنىڭ ئارزۇسى __ جۇڭگو ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشاتتى. بىز رازىيەنىڭ ئارزۇسىنىڭ بىخلىنىپ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن مۇنبەت تۇپراق بولالىساق ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغان بولاتتۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە …
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…