باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى جاڭ شىنرۇڭ قاتارلىق كىشىلەر تەكشۈرۈلدى

2018.02.01 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، رەئىسى جاڭ شىنرۇڭ تەكشۈرۈلدى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، رەئىسى جاڭ شىنرۇڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ .

  جاڭ شىنرۇڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جاڭ شىنرۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1957- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن شىنيېدىن، 1976- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي مەسئۇل سىياسىي خادىم، يەرنى كىمئارتۇق قىلىش سودىسى ئۇستىسى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى جياۋيۈ تەكشۈرۈلدى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى جياۋيۈ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ .

  لى جياۋيۈنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  لى جياۋيۈ، ئەر، خەنزۇ، 1966- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇيشى ناھىيىسىدىن، 1989- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1993- يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مەسئۇل ئىقتىسادچى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر