- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندونېزىيەدە ئىككىلا تەرەپتە ھەيدىگىلى بولىدىغان پىكاپ ياساپ چىقىلدى
2018.01.30 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭدىكى 71 ياشلىق مېخانىك Roni Gunawan خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە، يېقىندا ئىككى تەرەپتە ھەيدىگىلى بولىدىغان پىكاپتىن بىرنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ پىكاپنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئۈچ يېرىم ئاي ۋاقىت سەرپ قىلغان.
ئىككى تەرەپتە ھەيدەشكە بولىدىغان بۇ باشلىق سېرىق رەڭلىك پىكاپنىڭ ئىككى موتورى، ئىككى رولى، ئىككى يۈرۈش تەپكۈچى بار ئىكەن. بۇ پىكاپتا ئىككى يۈرۈش مېخاينىكلىق قوش ئىقتىدارنىڭ تەسىس قىلىشى، ئۇنى توختاتقاندا ئىنتايىن قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭدا تېخى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يولغا چىقىشقا بولۇش ۋە يۈرۈش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلمىگەن.
سۈرەتتە: بۇ ئىككى تەرەپلىك پىكاپنىڭ سىرتقى شەكلى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر