باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كىچىك كۆلەملىك چىراي ئوڭشاشتىكى ئىشەنچلىك جايلار زادى نەدە؟

2018.02.02 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قايناق بازاردا ياخشىلار بىلەن يامانلار ئارىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. «ھۆسن تۈزەپ چىرايىنى بۇزىۋېلىش» تىراگېدىيەسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇنتىزىم ھۆسنخانىلارنى قانداق ئىزدەپ تېپىش كېرەك؟

  داۋالاش ۋە ھۆسن تۈزەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوختۇرلار، چوقۇم مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېتىراپ قىلغان تېببىي كەسپىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ھازىرلىشى ئىگە بولۇشى، ھەمدە كەسىپكارلىق دوختۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك، ھۆسن ۋە شەكىل تۈزەش كەسپىىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يەنە كېسەلخانا دوختۇرلىرىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان تەربىيەلىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئوقۇش ۋە تەربىيەلىنىشنى قوشۇپ ھېسابلىغاندىكى ئومۇمىي ۋاقتى بەش يىلدىن سەككىز يىلغىچە بولغان بولۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بولغاندا، 2020- يىلىغا بارغاندا، تېببىي كەسىپنى پۈتتۈرگەن بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار قېلىپلاشتۇرۇلغان تەربىيەلىنىش كىنىشكىسىگە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن ئاران ئىش ئورنىغا چىقالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، كەسپىي داۋالاش ۋە ھۆسن تۈزەش دوختۇرلىرىنىڭ تېز ئارىدا يېتىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەرقايسى جايلارنىڭ داۋالاش ۋە ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا مۇناسىپ تەلەپلىرى بار. بېيجىڭ شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، مەيلى ھۆسن ۋە شەكىل تۈزەش ئامبۇلاتورىيەلىرىنى تەسىس قىلغان بولسۇن، ياكى كارىۋاتلىق بالنىستتا يېتىش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلغان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھۆسن ۋە شەكىل تۈزەش بۆلۈمى ياكى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار رويخەتكە ئالدۇرغان كەسىپ ئورنى كىنىشكىسىنى چوقۇم شۇ ئورۇنغا قويۇپ قويغاندا ئاندىن كەسپىنى قانۇنلۇق قانات يايدۇرالايدۇ.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بازارلاردا ھەم ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش ۋە ھۆسن تۈزەش تاشقى بۆلۈملىرى بار، ھەم مۇنتىزىم بولغان پۇقراۋى داۋالاش-پەردازلاش ئاپپاراتلىرىمۇ بار، ئۇ يەردىكى دوختۇرلارنىڭ ھەممىسىدە چوقۇم مۇنتىزىم كەسپىي دوختۇرلۇق كىنىشكىسى بولغان بولۇشى كېرەك. مۇنتىزىم ئاپپاراتلارنىڭ دوختۇرلىرى ئادەتتە ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن ھۆسن تۈزىمەكچى بولغان كىشى بىلەن ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇش ماقۇلنامىسىنى ئىمزالىشىدۇ، ھەمدە دوختۇرنىڭمۇ ئوپېراتسىيەدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرنى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى قارشى تەرەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. بەزى قاتتىق قېلىپلاشقان دوختۇرخانىلاردا، ئىمزا قويمىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھۆسن تۈزىمەكچى بولغان كىشىنى ئوپېراتسىيە ئۆيىگە كىرگۈزمەيدۇ. ئۇندىن باشقا، دوختۇر يەنە ھۆسن تۈزەپ بولغاندىن كېيىنكى ئۈنۈمى توغرىسىدا ھۆسن تۈزىمەكچى بولغان كىشى بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، بۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشتا، ھۆسن تۈزىمەكچى بولغان كىشىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى ۋە تاتۇق ئەھۋالى قاتارلىقلارمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: دوختۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش تەس ئەمەس، بەزى خۇسۇسىي داۋالاش ۋە ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تولىسى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلاردىن كەلگەن، ئىستېمالچىلار ئۇ دوختۇرلارنىڭ قىياپەتلىرى ۋە ئىسىم-فامىلىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، مۇناسىپ دوختۇرخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت تورىغا چىقىپ تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ. جۇڭگو شەكىل تۈزەش-پەردازلاش جەمئىيىتى 2017- يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو شەكىل تۈزەش-پەردازلاش جەمئىيىتى بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە تۇنجى تۈركۈمدە بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولغان ئىسپات بەرگۈچى ئاپپاراتلاردىن 150نى ۋە بىخەتەرلىك ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش دوختۇرلىرىدىن 91 كىشىنى بېكىتىپ ئېلان قىلدى. گۈزەللىككە چوقۇنىدىغانلار ھۆسن تۈزىمەكچى بولساڭلار، يىپ ئۇچى بويىچە ئىزدەپ، بۇ ئىشەنچلىك مۇتەخەسسىسلەرنى ئىزدەڭلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر