باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن

قەشقەر يېزا سودا بانكىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، بانكا باشلىقى غالىپ يۈسۈپ

2018.01.31 14:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دادام خەلق ساقچىسى ھەم كومپارتىيە ئەزاسى. كىچىكىمدىنلا دادام ماڭا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمنى ئەسلىسەم، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ تەربىيەسى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىدە قەلبىمدىن ئۇرغۇغان بىر كۈچ مېنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەتئىي سۈكۈت قىلماي، مۇرەسسە قىلماي، جەزمەن ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە بولۇشقا، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاشقا، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەڭچىسى بولۇشقا ئۈندىمەكتە.

  بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنتايىن ۋەھشىي، چېكىدىن ئاشقان رەزىل ماھىيىتىنى چوقۇم ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، ئۇلار قانچىلىك رەزىل، شەرمەندىلەرچە ۋاسىتە قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش ئىرادىمىزگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىزگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مەن ئومۇمىي خەلقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئۇلۇغ كۈرىشىگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، ياخشى «تەشۋىقاتچى» بولۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئاددىي تىل ئارقىلىق ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قائىدىنى بىلدۈرۈپ، ھەققانىيەت ساداسىنى يەتكۈزۈپ، ھەققانىيەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق يۇرت- ماكانىمىزنى قەتئىي ياخشى قوغدايمەن. بۇ خىل سىجىل قىزغىنلىقنى كۈندىلىك خىزمىتىم، ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي سىياسىي مەيدان، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ياخشى قوغدايمەن.

  «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پاكىتنى بۇرمىلاپ، ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ زىيىنى ئىنتايىن زور. بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىم ۋە پوزىتسىيەمنى ئىپادىلەيمەن. مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت خەلق قول تۇتۇشۇپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. كىمكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پېتىنىدىكەن، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىكەن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. مەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىگە ئاساسەن تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرىمەن، قەدەمنى بىردەك قىلىمەن، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر