باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېنەننىڭ جېڭجۇ شەھىرىدىكى بىر ئىشخانا بىناسىغا ئوت كەتتى

ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس

2018.02.02 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 13تىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرى جېڭجۇ شەرقىي يېڭى رايونىدىكى بىر خىزمەت بىناسىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى. نۆۋەتتە، ئۆلگەن- يارىلانغانلار ياكى قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 13تىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرى جېڭجۇ شەرقىي يېڭى رايونىدىكى بىر خىزمەت بىناسىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى. نەق مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوت كەتكەن بىنا لۈدى يۈەنشېڭ خەلقئارا 3- نومۇرلۇق ئىشخانا بىناسى بولۇپ، ئوت يامراپ ئەڭ يۇقىرى قەۋەتكە تۇتاشقان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا بارغان بولۇپ، بىر قانچە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ئوت كەتكەن بىناغا سۇ پۈركۈپ ئوت ئۆچۈرگەن. نۆۋەتتە، ئۆلگەن-يارىلانغانلار ياكى قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر