باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ «جۇڭگونىڭ جاسۇسلۇق تەھدىتى» سەپسەتىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، ئۆزى قانداق بولسا باشقىلارنى شۇنداق ئويلاشتۇر

2018.02.02 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 1- فېۋرالدىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا « ئۆزى قانداق بولسا باشقىلارنى شۇنداق ئويلاش» دېگەن سۆز بىلەن، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ «جۇڭگونىڭ جاسۇسلۇق تەھدىتى» سەپسەتىسىگە ئىنكاس قايتۇردى.

  ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پومپىې يېقىندا BBC نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگو ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئاخباراتلىرىنى بىر ئاماللار بىلەن ئوغرىلىماقتا، ھەمدە پۈتۈن دۇنيادا جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنى يوشۇرۇن ھالدا تارقاتماقتا، دېدى. ئۇندىن باشقا، ئاۋسترالىيە تەرەپمۇ،بىز ھازىر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاخباراتچىلار سىڭىپ كىرىش ۋە جاسۇسلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتىمىز، دېدى، ھەمدە ئاۋسترالىيە ئاخبارات تارماقلىرى جۇڭگونى «ئەشەددىي تەھدىتچىلەر» قاتارىغا كىرگۈزدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: مەن ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم، بۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز ھالدا جۇڭگونىڭ بىر سۆزىنى ئىسىمگە ئالدىمكى، ئۇ بولسىمۇ، «ئۆزى قانداق بولسا باشقىلارنى شۇنداق ئويلاش». ئۇنىڭ مەنىسى بولسا، سىز كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىسىڭىز، نەزىرىڭىزدىكى دۇنيا شۇنداق بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات باشلىقىنىڭ ئاشۇنداق گەپنى قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشكارىلانغان ھەر خىل ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا زادى كىمنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارىتا كەڭ دائىرىدە يوشۇرۇن تىڭشاش، نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش ۋە سىڭىپ كىرىشتەك رەزىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ۋە باشقىلارغا مەجبۇرى تېڭىش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئەسكىلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ناھايىتى ئېنىقتۇر.

  ئاۋسترالىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ جۇڭگونى «ئەشەددىي تەھدىتچىلەر» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىگە قارىتا، خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئاۋسترالىيەدىكى ئايرىم كىشىلەر جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ھەر يىلى بېرىپ-كېلىدىغان نەچچە مىليون كىشىنى ھەمدە ئاۋسترالىيەدىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاسۇس دەپ قارىسا، ئۇنداقتا ئۇلار جىددىيلەشمەي ۋە ئەندىشە قىلماي قالامدۇ؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر