باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى 200 مىڭغا يېقىن يوشۇرۇن خەۋپ تۈزىتىلدى

ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىدۇ

2018.02.02 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2017-يىللىق خەلق ئىشلىرى ساھەسىنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  2017-يىلى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىرلىكتە ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 41 مىڭ 700 دىن ئارتۇق ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، «بىر جايدا بىر دېلو، بىر ساناتورىيەدە بىر خىل تەدبىر» بويىچە تەرتىپكە سېلىپ، 197 مىڭ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەتتى. بىر يىل تۈزىتىش ئارقىلىق 2017-يىلى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۈز بېرىش ئەھۋالى %24.9 تۆۋەنلىدى.

  ھازىر ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشى جەھەتتىكى تەمىنلەش-ئېھتىياج زىددىيىتى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، ئاساسلىقى تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق جەھەتلەردە ئىپادىلەندى. ياشانغانلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلمىدى، ياشانغانلارنىڭ چىقىم قىلىش ئىقتىدارى يەنىلا يۇقىرى ئەمەس. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار سىياسەت-تۈزۈملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى جەھەتتە بەزى تۈزەش خىزمەتلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى. مەسىلەن: ئوت مۇداپىيە بىخەتەرلىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسى، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئېھتىياجى، لېكىن كېرەكلىك سېلىنما بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئەسلىھەلەر تېخىچە ئۆزگەرتىپ ياخشىلانمىدى. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ئېلان قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە يەنە ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىپ، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە باشقۇرۇشقا، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر