باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىلىرىنى ئۇزىتىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018.01.31 14:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆتكۈزگەن يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى «تۆت ئاڭ» ۋە «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، داھىيلىق نوپۇزىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئېنىق سىياسىي مىزان ۋە تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە خىزمەت باش تېمىسى قىلىپ، تولۇق ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى توغرا ئىگىلەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى، ئورنى ۋە رولى، ئاساسىي تاكتىكىسى، پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، باش نىشان بايرىقىنى ئىزچىل جەۋلان قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باش نىشاننى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، باش نىشاننى زىممىگە يۈكلەپ، باش نىشاننى تۇتۇپ، باش نىشان ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەتچىلىك ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش- قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ياخشى يۈرگۈزۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىستىل ياخشىلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسلىق جەڭگاھى بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە بولۇۋېلىش ئىدىيەسىگە ئىگە ئەمەس، «ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق ئەڭ چوڭ دۈشمەن» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش كۈچى، داۋاندىن ئېشىش جاسارىتى ئارقىلىق ئىرادىنى ساقلاپ، قىلچە يول قويماستىن، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە نەتىجىنى كۆرۈپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ۋە ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىنى قەتئىي يوقىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن 2018- يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىلىرىنى ئۇزىتىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە 1- شۇجىلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچ ئۇلاپ قانات يايدۇرۇشى، ئېغىر نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ئۇدا تۆت تۈركۈمدە 200دىن كۆپرەك كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى (قېتىم) ئەۋەتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنتنىڭ قىياپىتى، كادىرلار ئىستىلى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ روشەن ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ يىل دائىمىي كومىتېت ئورگىنى 45 كادىرنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە، 12 كادىرنى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئەۋەتتى، ئۇلار 1- ئاينىڭ 31- كۈنى خىزمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ بولىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچ ئۇلاپ قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھىمى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئورگاننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان يولداشلار ئورگاندىن ئاساسىي قاتلامغا، شەھەردىن يېزىغا، ئائىلىدىن كوللېكتىپقا، باشقۇرۇشتىن مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزگىرىشكە تېز ماسلىشىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى يارىتىشى كېرەك. روھىي ھالىتى ياخشى، ئوبرازى دۇرۇس، خىزمەت ئۆلچىمى يۇقىرى، ئىستىل ياخشىلىشى ئەمەلىي، ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىشى قاتتىق بولۇشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە 1- شۇجىلىق خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، خىزمەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى دائىم مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بولۇشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ۋە ھەرقايسى تارماقلار كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى كەنتكە خاتىرجەم بېرىپ، كەنتتە خاتىرجەم تۇرۇپ، خاتىرجەم ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر