- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى
جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتكە كېلىشى قارشى ئېلىنىدۇ
2018.02.02 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى 1-فېۋرال جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇشىڭ يولى 11-نومۇردىكى مېيدىيا مەركىزىدە ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاخبارات مەركىزى 27-فېۋرال خىزمەتكە كىرىشىدۇ.
مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولاي بولۇش ئۈچۈن، ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بېكىتى زىيارەت ئۇچۇرى ۋە زىيارەتكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى http://www.npc.gov.cn/pc/13_1، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى http://www.cppcc.gov.cn.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر