باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن كۆرۈشتى

2018.02.02 15:00   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-فېۋرال دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن تېرېسا مېيغا ئايال پادىشاھ ئېلزابىتⅡگە يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەنگلىيە يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان غەربتىكى چوڭ دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن 2015-يىلى ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدۇم، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن مۇقەددىمىسى» نى ئورتاق ئاچتى. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بىللە، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا تېخىمۇ كۆپ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە …
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…