باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ

2018.01.25 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 23-يانۋار ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى ئىلى ئۇنىۋېرسىتىتى قىلىپ ئۆزگەرتىش لايىھەسى خىزمىتىنى 2018-يىللىق تەكشۈرۈش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى نۆۋەتتە ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغان. ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلىشنى باھالاش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مەكتەپكە كېلىپ تەكشۈرۈشىنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە ئىكەن.

  19-يانۋار، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلىشنى باھالاش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مەكتەپكە كېلىپ تەكشۈرۈشىنى كۈتۈۋېلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى نۇرجۈمە جاقاي مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە بەلگىلىك تىرىشىش ئارقىلىق، ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، نۇقتىلىق پەنلەردە ئىلغار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپتا ئەۋزەللىكى بولغان، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، رايونىمىز ئىچىدە ئىلغار، دۆلەت ئىچىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە ئەمەلىي تىپلىق ئالىي مەكتەپكە ئايلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئەسلىدە 1948-يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىلى ئالىي تېخىكومى بولۇپ، كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئەخمەتجان تېخنىكومى، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن. 1980-يىلى 5-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى دەپ ئاتالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر