- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۆتكەن يىلى ب د ت نىڭ 56 نەپەر تىنچلىق قوغداش خادىمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قۇربان بولدى
2018.01.24 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ 22 - نويابىر ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: 2017- يىلى ب د ت نىڭ 56 نەپەر تىنچلىق قوغداش خادىمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان بولۇپ، بۇ، 1994- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ھېسابلىنىدۇ.
«ب د ت تىنچلىق قوغداش خادىملىرىنىڭ بىخەتەر مۇھىتىنى ياخشىلاش: بىز ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مۇھتاج» تېمىسىدىكى بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: 2013- يىلىدىن بۇيان، تىنچلىق قوغداش ھەرىكىتىدە يارىلانغان ۋە قازا قىلغان خادىملارنىڭ سانىدا تېز كۆپىيىشتەك ھالەت كۆرۈندى. دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ سان نورمال بولغان ياكى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان خەۋپ-خەتەر سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ سان يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن، مۇناسىپ ئۆزگىرىش ئارقىلىق، بۇ خىل يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1948- يىلىدىن بۇيان، 3500دىن ئارتۇق ئادەم ب د ت تىنچلىق قوغداش ھەرىكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 943 ئادەم زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قۇربان بولغان. 2013- يىلدىن 2017- يىلىغىچە، زوراۋانلىق ھۇجۇمىدا تىنچلىق قوغداش خادىملىرىدىن 195 نەپەر خادىم ئۆلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر