خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-يانۋار كەچتە، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 29-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 119 قارشى 139 نومۇر بىلەن جياڭسۇ كوماندىسىنى يەڭدى. بۇ ئايلانما مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 17 مەيدان ئۇتۇش، 11 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بىرلەشمە مۇسابىقىدە 9-ئورۇندا تۇردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەشەيلەن قوش خانىلىق نومۇر ئالدى. ئادامس 52 نومۇر، يۈ چاڭدۇڭ 19 نومۇر، سۈن توڭلىن 17 نومۇر، شىرئەلى 16 نومۇر، لىي ما 15 نومۇر ئالدى.
جياڭسۇ كوماندىسىدىن لادۇرىسا 25 نومۇر، يى لى 13 نومۇر، ساۋ فېي 11 نومۇر، براۋن 23 نومۇر، شى خوڭفېي 18 نومۇر، لى يۈەنيۈ 16 نومۇر ئالدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە بىز تولۇق تەييارلىق قىلدۇق، ماھىرلىرىمىزمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. بۈگۈن بىز مۇداپىئەدە ياخشى ئىپادە كۆرسەتتۇق. بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى لىنىيەسىدىكى ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئىنچىكە پىلانلاپ، ئالدىغا ئەگىپ ئۆتۈپ مۇداپىئە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ھۇجۇم جەھەتتە، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھۇجۇم قىلدۇق، بۈگۈن ھەم تەلىيىمىزمۇ ئوڭ بولدى. ئەزالىرىمىز تاشلىغان توپىنىڭ كۆپىنچىسىدە نومۇرغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى