باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچى480 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى

2018.01.16 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- چېسلا نىڭشيا مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە: 2017- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن ياردەم پۇلى جەمئىي 480 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر تەرىپىدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ 675 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2016- يىلدىكىدىن 128 مىليون يۈەن كۆپەيگەن (بۇنىڭدا، دۆلەتلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبە جايلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئۆز ئىچىگە ئېلىنمايدۇ)، ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ نامراتلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقى»غا كاپالەتلىك قىلغان.

  2017- يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مائارىپ تارقاتقان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلار ئىككى مىليون يۈەنگە، ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 120 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ تارقىتىپ بەرگەن ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئىككىگە ياردەم بېرىش مەبلىغى (دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، تاغلىق رايونلاردىكى توققۇز ناھىيەدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي ياتاق ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، دەپتەر پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن) 185 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار سانى104 مىڭ 100 نەپەر ئادەم(قېتىم)غا يەتكەن. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلغان ۋە ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ئائىلىلەردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش مەبلىغى 110 مىليون يۈەنگە، ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 70 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى 113 مىليون يۈەنگە، ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 115 مىڭ 700 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغا چۈشۈرۈلگەن ياردەم بېرىش مەخسۇس مەبلىغى 57 مىليون يۈەنگە، ياردەم بېرىلگەن بالىلار سانى 77مىڭ 300 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن.

  ئۇندىن باشقا، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەتلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبە جايلىرىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنىڭ كۈچكە ئىگە توختاملىرىدىن 71مىڭ 924ى ئىمزالانغان، ھەمدە قەرز سوممىسى 445 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق، 22 مىڭ 908 نەپەر ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىسىنىڭ «يېشىل كارىدور» ئارقىلىق مەكتەپكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلارنىڭ 5637 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئۈچ مىليون 867 مىڭ 400 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر