خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-يانۋار سائەت 19دا، 36 كونتېينېردىن تەركىب تاپقان، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى، كۈندىلىك تيرمۇش بۇيۇملىرى بېسىلغان X9089 قېتىملىق جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى يۈك پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى. ئۇ ئالاتاۋ ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، قازاقىستاننىڭ كۆۋرۈك پورتىدىن ئۆتۈپ، دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇغا يېتىپ بارىدۇ. تۆمۈريول-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بىر قېتىملىق يۈرۈش مۇساپىسى 4186 كېلومېتر بولۇپ، سەككىز كۈندە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئىلگىرىكى تىرانسپورت ئۇسۇلىغا قارىغاندا، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق توشۇش ۋاقتىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ «شىنتيې» خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىدىغان پويىزى كۈندە ئۈچ نۆۋەتكە، لىنىيەسى 18گە يېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە ياۋروپادىكى 17 دۆلەتتىكى 23 شەھەرگە يېتىپ بارالايدىغان بولدى، توشۇيدىغان ماللار: پاختا يىپ توقۇلمىلار، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردىن تارتىپ نېفىت، ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلىرىگىچە 200 خىلدىن ئارتۇق تۈرگىچە كېڭەيدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى