باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرستىكى) مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ توردا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى

2018.01.15 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- چېسلا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھانى ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە: يېقىندا، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرستىكى) مەكتەپلەرنىڭ 2018- يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، تىزىملىتىش ۋاقتى 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 12 (بېيجىڭ ۋاقتى)گىچە؛ ئىمتىھان ۋاقتى: 3- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە؛ 3- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى توردىن كۆرۈپ جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە 2018- يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى ئالغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، «شىنجاڭ كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مۇلازىمەت سۇپىسى»غا چىقىپ، توردا تىزىملىتىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشلىرىنى قىلىشقا بولىدىكەن. گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئىمتىھان بېرىدىغانلار، چوقۇم «ئاپتونوم رايون بويىچە 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا كەسىپلىرىگە بىر تۇتاش ئىمتىھان بېرىش كەسپىي لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى»نى ئالغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تولدۇرۇشقا بولىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئۈچۈن بېرىلگەن نەتىجىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش نەتىجىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك نەتىجىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 180 نومۇردىن تۆۋەن بولسا بولمايدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، «مەدەنىيەت ساپاسى بىلەن كەسپىي ماھارەت»نى باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى لازىم ئىكەن. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ماسلىشىشچانلىقىنى سىناش ئۈچۈن، ئۇلاردىن سىناق ئېلىپ بېرىلغاندا، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىلىرىدىن بىر تۇتاش پايدىلىنىشقا، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتىن پايدىلىنىشقا بولىدىكەن. ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش (يەنى يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە يېزىقچە ئىمتىھان)نى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا سوئال چىقىرىپ تەشكىللىسە، ھەمدە ماھارەت باھالاش نىسبىتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئىلمىي كەسپىي ماھارەتنى باھالاش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدىكەن.

  بۇ يىل شىنجاڭدا ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرستىكى) ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپلەر تۆۋەندىكىچە: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئىلى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق 20 نەچچە مەكتەپ. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.xj zk.gov.cn)غا چىقىپ تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر