خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالەم بوشلۇقى ئىنسانلار ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىدىغان جاي بولۇپ، يىراق ھەم سىرلىق. مۇنداق بىر خىل قەلبنى زىلزىلىگە سالىدىغان تەسىرات بار: 343 كىلومېيتىر يىراقلىقتىن يەر شارىغا نەزەر سالغاندا، قۇرۇقلۇقلارنى ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى قار، بۇلۇتلۇق ئاسمان گويا تۇتقىلى بولىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ؛ بۇ، بىر تەڭداشسىز گۈزەل ھەم ھەيۋەتلىك مۇساپە؛ بىر ئادەم، ئىككى ئادەم، ئۈچ ئادەم… بىرنەچچىلا ئادەملىك سەپەر سان-ساناقسىز ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشىنى بېسىپ چۈشىدۇ، ھەر قېتىمقى سەپەرگە جۇڭگولۇقلارنىڭ نامەلۇم يېڭى يۈكسەكلىك ئۈستىدە ئىزدىنىشى مۇجەسسەملەنگەن؛ بۇ كۆپ سىناقلاردىن ئۆتكەن قەھرىمانلار توپى؛ ئەزىمەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى بىلەن ئەسرالىشىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش تارىخىدا يارىتىلغان ئەڭ ئېسىل سەھىپىلەرنىڭ بىرى. بۈگۈن، ئۇلار يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتماقتا. ئۇلار، قەھرىمان جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى