باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ ئامېرىكا يېرۇسالىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە چېگراسى مەسىلىسىدە ھېچقايسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، دېدى

2018.01.22 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماراكەش ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامىپ ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵگە يازغان جاۋاب خېتىدە، يېرۇسالىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى سۆھبەت ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ، ئامېرىكا يېرۇسالىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە چېگراسى مەسىلىسىدە ھېچقايسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، دېدى.

  ترامپ ئۆزىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئالاقىدار تەرەپلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلسا، ئۆزىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە يېرۇسالىمنىڭ يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى، خرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  بۇلتۇر 12-ئايدا، ترامپ يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋتىن يېرۇسالىمغا كۆچۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھەممەد Ⅵ ترامپقا خەت يېزىپ، بۇ ئىشقا قاتتىق دىققەت قىلغانلىقىنى ھەمدە يېرۇسالىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ھەرقانداق قارارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يېرۇسالىم مەسىلىسى پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى شەرقىي يېروسالىمنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا پۈتكۈل يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمدە ئايرىلماس پايتەختى» دەپ جاكارلىدى، ھالبۇكى پەلەستىن تەرەپ شەرقىي يېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتكۈل يېرۇسالىمغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلمايدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان نۇرغۇن دۆلەت ئەلچىخانىسىنى يېروسالىمدا ئەمەس، بەلكى تېل ئاۋىۋقا تەسىس قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر