باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى چاغانلىق يولۇچى توشۇش جەريانىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى:

قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يولنى قامال قىلماسلىق كېرەك

2018.01.22 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ھۆكۈمەت مىكرو بلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-فېۋرال باشلىنىپ، 12-مارت ئاخىرلىشىدىكەن. ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 19-يانۋار ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: جايلار قاتناشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ناچار ھاۋا رايىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. تارماقلارنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، قاتناش ترانسىپورت تارماقلىرى ۋە تاشيول تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار-يامغۇرلۇق، مۇزلۇق ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇدىغان ماددىي ئەشيا ۋە ئۈسكۈنە تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى ۋە قار-مۇزلارنى ۋاقتىدا تازىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يول يۈرۈش شارائىتىنىڭ راۋانلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىشىغا نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. قاتناش ترانسىپورت تارماقلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ناچار ھاۋا رايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمە قوماندانلىق مېخانىزمى ۋە يول-قاتناش ساقچىلىرى بىرلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناچار ھاۋا رايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قار-مۇزلۇق ھاۋا رايىدا ئامال بار ئاستا مېڭىش، توختاپ مېڭىش، ئاپتوموبىل تىپىنى ئايرىپ مېڭىش، ساقچى ماشىنىسى يول باشلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاپتوموبىللارنى تەرتىپلىك يۈرۈشكە يېتەكلەش، ئامال بار يولنى قامال قىلماسلىق كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر