خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ ئالتاي شەھىرىدە 11-نۆۋەتلىك مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى گېنېرالتاغ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تائاملار سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، 90دىن كۆپ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ماھىر نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا 100 خىلدىن ئارتۇق مەززىلىك تائاملارنى تەقدىم ئەتتى، مەززىلىك تائاملار، پىرەنىك-تورتلار نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ئىشتىيىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئالتاي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئالتاي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئالتاي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن.
مۇسابىقە ئالاھىدە تائاملار ۋە ئالاھىدە ئۇششاق يېمەكلىكلەردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندا، ئاشپەزلىك ھۈنىرى كامالەتكە يەتكەن ماھىرلار رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ئېسىل بولغان تائاملارنى ساياھەتچىلەرگە تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى