- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋيېنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2018.01.19 16:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە مۇئاۋىن ئەلچىسى رامۇچ 18-يانۋار سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئايدا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋيېنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مىكاداد بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مىكاداد ماڭا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋيېنادىكى سۆھبەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مەن سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆھبەتكە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ۋيېنا سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى سۇرىيە مەملىكەتلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پايدىلىق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر