- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى
2018.01.17 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-يانۋار كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى ھەم مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ھەم مۇۋاپىق پەيتتە 2- نۆۋەتلىك سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە كۆپلەپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىجابىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا بازارنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق نەتىجىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىقتىساد-سودا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئارمىيە، قانۇن ئىجراسى، زەھەر چەكلەش، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا قارىتىپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئىجابىي ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى قوغدىشى كېرەك.
ترامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ۋە ئامېرىكا-جۇڭگو ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ھەم ھەر دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودىسىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر