باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى

2018.01.12 16:36   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار «دياۋيۈتەي» دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ كامىروننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدىم. بىز جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» نى بىرلىكتە ئېچىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتۇق. باش ۋەزىر تېرېسا مېي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» چوڭ يۆنىلىشىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ھازىر جۇڭگو-ئەنگلىيە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئادىمىيەت ئالاقىسى بارغانسېرى جانلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا تېخىمۇ زور كۆلەملىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «ئالتۇن دەۋر» پىلانىنى تېخىمۇ كۆپ «ئالتۇن مېۋە» گە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىدۇ: يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇ…
    ·بۇ يىل يەسلى مائارىپى مۇنداق بولىدۇ (سىياسەت يەشمىسى . دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا، دەردىگە مۇجەسسە…
    ·چىرا ناھىيەسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 130 ئوقۇغۇچىغا 780 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى
    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…