باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئېلىمىزدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن چەت ئەلگە چىققان-كىرگەن ئاھالىلەرنىڭ سانى 292 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى

2018.01.19 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى مەملىكەتلىك چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن چېگرادىن ئۆتكەن كىشىلەر 598 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2016-يىلىدىكىگە قارىغاندا (تۆۋەندە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن دەپ ئېلىنىدۇ) %4.76 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن چەت ئەللەرگە چىققان-كىرگەن ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ سانى 292 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرىدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە (چوڭ قۇرۇقلۇق) كىرىپ-چىققانلار سانى 221 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن (بۇنىڭ ئىچىدە، شياڭگاڭ ئاھالىلىرى 160 مىليون ئادەم قېتىم، ئاۋمېن ئاھالىلىرى 49 مىليون 292 مىڭ 900 ئادەم قېتىم، تەيۋەن ئاھالىلىرى 11 مىليون 745 مىڭ 700 ئادەم قېتىم). ئېلىمىز چېگراسىدىن كىرىپ-چىققان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 58 مىليون 363 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، چېگرادىن ئۆتكەن قاتناش-تىرانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 30 مىليون 976 مىڭ 600 قېتىمغا (ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، پويىز، كېمەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.84 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىل 29 مىليون 524 مىڭ 600 قېتىم، ئايروپىلان 925 مىڭ 700 قېتىم، پويىز 60 مىڭ قېتىم، كېمە-پاراخوت 466 مىڭ 300 قېتىمغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر