باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭدا يۇقۇملۇق زۇكام ئەھۋالى تۇراقلاشتى

2018.01.17 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى قىش كىرگەندىن باشلاپ 2018-يىلى يىل بېشىغىچە، شىنجاڭ يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ يۇقىرى ئېقىم مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە قارىلىشىچە، يۇقۇملۇق زۇكام ئاۋۋالقى يىللاردىكىگە قارىغاندا، ۋاقىت جەھەتتىن سەل بۇرۇن كەلگەن، مىقدار جەھەتتە كۆپ ئاشمىغان، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلىق بولغان.

  يۇقۇملۇق زۇكام بالدۇر كېلىپ، ئۇزاق داۋاملاشتى

  ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ دوختۇرى جاۋ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا ھەر يىلى 10-ئايدىن كېلەركى يىلىنىڭ 4-ئېيىغىچە تارقىلىشچان زۇكام مەزگىلى بولۇپ، ھەر 12-ئايدىن باشلاپ كېلەركى يىلى 2-ئايغىچە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرى مەزگىلى ھېسابلىنىدىكەن. 2017-يىلى قىش كىرگەندىن باشلاپ 2018-يىلى يىل بېشىغىچە، شىنجاڭدا تارقالغان تارقىلىشچان زۇكام ب تىپلىق زۇكامنىڭ BY سىستېمىسىغا تەۋە ئىكەن. ئاۋۋالقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىش مەزگىلى ئاۋۋالقى يىللاردىكىدىن بالدۇر بولغان، شۇ سەۋەبلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرى مەزگىلىمۇ ئاۋۋالقى يىللاردىكىدىن ئۇزۇن بولغان. بىراق ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى تارقىلىشچان زۇكام ئەھۋالى تۇراقلىشىشقا يۈزلەنگەن.تارقىلىشچان زۇكام كۆرۈلگەندە ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك

  ئاتالمىش تارقىلىشچان زۇكام دېگىنىمىز، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، كەڭ كۆلەمدە يامرايدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ئادەتتىكى زۇكامغا ئوخشىمايدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئېغىر، يۇقۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

  ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام مەزگىلىدە، بالىلار نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ما دۇڭيۈن مۇنداق دېدى: بەش ياشتىن كىچىك، بولۇپمۇ ئىككى ياشتىن كىچىك بالىلار تارقىلىشچان زۇكام ئەڭ ئاسان يۇقىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام مەزگىلىدە، بالىلارنىڭ يۇقۇم مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ما دۇڭيۈن يەنە مۇنداق دېدى: «تېببىي خادىملار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۇقۇملۇق زۇكام ئەھۋالىنى چوقۇم دەسلەپكى مەزگىلىدە پەرقلەندۈرۈش كېرەك. كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بىماردا بايقالغان چاغدا، چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن تەدبىر قوللىنىش لازىم. تارقىلىشچان زۇكامنى دەسلەپكى 48 سائەت ئىچىدە داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى، 48 سائەت ئىچىدە دورا يېگەندىن كېيىن ئالامەتلىرى سەل پەسەيگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا دورىنى ئۈزۈپ قويماي، ھېچ بولمىغاندا بەش كۈن يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداق بولغاندىلا ئەڭ ياخشى داۋالىنىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.»بەزى كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكام پەقەت ئىممۇنىنېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەرگە، كىچىك بالىلارغىلا يۇقىدۇ، مېنىڭ تېنىم كۈچلۈك، ئاسانلىقچە ماڭا يۇقمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋۇ لەن مۇنداق دېدى: بارلىق كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقۇش ئوبېيكتى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار، 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئاسان يۇقۇش توپى ھېسابلىنىدۇ.

  ۋۇ لەن يەنە مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كېسەللىك مەنبەسىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ناھايىتى مۇھىم، يۇقۇملۇق زۇكام بولغاندىن كېيىن، باشقىلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇش، سۇنى كۆپ مىقداردا ئىچىش، ئائىلىدە ئارام ئېلىش لازىم. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ئېغىزنى ئېتىۋېلىش، تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىمارلار بىلەن ئۇچراشقان نەرسىلەرنى ئادەتتىكىچە دېزىنفېكسىيە قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، يود، ئىسپىرتنىڭ مىكروبقا قارىتا مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆلتۈرۈش رولى بار. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر، ئادەتتىكى ۋاكسىنا ئەگەر بەدەنگە ياخشى ماسلىشالىسا %70دىن %80 كىچە يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر