خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يۈننەن شاۋتۇڭدا سەككىز ياشلىق بىر بالىنىڭ باش-كۆزى قار-مۇز ھالەتتە مەكتەپكە بارغانلىق رەسىمى پۈتۈن تورنى بىر ئالدى، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ بالىغا ئىچ ئاغرىتتى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ «قار-مۇزلۇق بالا»دىن باشقا، يەنە بىر تۈركۈم ئادەملەر بار، ئۇلار كۈنبويى قار-مۇز، شىۋىرغاندا چارلاش ئېلىپ بارىدۇ، يىلمۇ-يىل ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ، چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىدا خالىس تۆھپە قوشۇپ، چېگرا قوغداش ۋەزىپىسىنى قەيسەرلىك بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۇلار ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن پوستتا تۇرۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، چېگرا چارلاۋاتقان، پوستتا تۇرۇۋاتقان ھەربىيلەر مۇھىتنىڭ قانچىلىك ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز خىزمەت ئورنىدا مەڭگۈ چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ باش-كۆزىمۇ قار-مۇزدا ئاقىرىدۇ، ئۇلارمۇ ئوخشاش كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ.
«قار-مۇزلۇق بالا»نىڭ تارتقان جاپاسى ئۇنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، چېگرادىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ تارتقان جاپاسى تۈمەنلىگەن ئۆيلەرنىڭ چىرىقىنى يورۇتىدۇ. ناۋادا سىز زامانىمىزنى تىنچ، خاتىرجەم دېسىڭىز، «چومۇلاڭما قوغدىغۇچىلىرى»، «جىلغا باتۇرلىرى»، «ئەڭ شەرقتىكى قاراۋۇللار»ى شۇ خاتىرجەملىك ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. ناۋادا سىز ھاۋا بەك سوغۇق دېسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا بويىلىرىغا بېرىپ باقمىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
قارلىق چېگرا چاگۇلادىكى «جۇمۇلاڭما قوغدىغۇچىلىرى»
چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى چاگۇلا قاراۋۇلخانىسى __ پۈتۈن ئارمىيە بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ جاپالىق چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىنىڭ بىرى، بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5300 مېتىر بولۇپ، ھاۋادىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكى % 35گە توغرا كېلىدۇ، قىش پەسلىدە قارا سوغۇق ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃40قا يېتىدۇ. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئاسانلا ۋىتامىن يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ تىرنىقى ئولتۇرۇشۇپ، كالپۇكى يېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى يىل بويى جۇمۇلاڭما چوققىسى رايونى چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاچقا، «جۇمۇلاڭما قوغدىغۇچىلىرى» دەپ تەرىپلەنگەن. «جۇمۇلاڭما قوغدىغۇچىلىرى» ئۈستىگە ئالغان بەش مۇقىم چارلاش نۇقتىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5500 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6900 مېتىر بولۇپ، چارلاش جەريانىدا قارلىق تاغلارغا چىقىپ، مۇزلۇق دەريالاردىن كېچىپ ئۆتۈپ، خەتەرلىك قىيالاردىن ھالقىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەر قېتىملىق چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق سىناققا ئوخشايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى