باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە ئامېرىكىدا 2017-يىلى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوقلاردىن 3 مىليون 200 مىڭ كىشى كۆپەيگەنلىكى ئېيتىلدى

2018.01.17 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئەلرايىنى سىناش ئورگىنى گاللۇپ شىركىتىنىڭ 16-يانۋار ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 2017- يىلى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق ئامېرىكىلىقلاردىن تەخمىنەن 3 مىليون 200 مىڭى كۆپەيگەن.

  گاللۇپ شىركىتى 2017-يىلى 10- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە تېلېفوندا قۇرامىغا يەتكەن 25 مىڭ ئامېرىكىلىقنى تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئۆتكەن تۆت يىلدىن بۇيان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق ئامېرىكىلىقلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئاشقان بىر يىل بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ئاشقىنى 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياش توپى ھەمدە ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار، ئىسپانىيە پۇشتىدىن بولغانلار ۋە يىللىق كىرىمى 36 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن ئائىلىلىكلەر ئىكەن.

  ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى، دەپ ئاتالغان «تەكسى باھالىق داۋالاش قانۇن لايىھەسى»گە ئاساسەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سېتىۋالمىغان ئامېرىكىلىقلار جەرىمانە تاپشۇرۇشى كېرەك. 2017-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ باج كېمەيتىش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى، قانۇن لايىھەسىدە مەجبۇرىي داۋالاش سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش ھەققىدىكى ماددىلار بىكار قىلىندى. ئامېرىكا پارلامېنتى خامچوت ئىشخانىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ، 13 مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر