باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T2،T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا بىنا ھالقىپ ئايروپىلانغا ئالمىشىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ

2018.01.12 16:22   مەنبە: خەلق تورى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T2،T1  ئاۋىياتسىيە بىناسىدا بىنا ھالقىپ ئايروپىلانغا ئالمىشىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار T1 ، T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى ئايروپىلان كۈتۈشخانىسىدا ئايروپىلان ئالمىشىشنى بېجىرەلەيدۇ، T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىغا چۈشكەن يولۇچىلارمۇ ئوخشاشلا T1، T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا ئالمىشالايدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 11-يانۋار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ، يولۇچىلار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قونغاندىن كېيىن، ئايروپىلان ئالماشقۇچىلار ئايروپىلان ئالمىشىش پۇكىيىدە شۇ كۈنى سائەت 23:00تىن بۇرۇنقى T1، T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا ئالمىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپلا، ئۇدۇل شۇ ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا بېرىپ ئايروپىلانغا چىقالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يەنە T3دىن T2، T1 غا يۈك–تاقىسى يوق يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلان ئالمىشىش تۈرىنى يولغا قويغان.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ مەسئۇل خىزمەتچى خادىمى مۇنداق دېدى: ھازىر ئۈرۈمچىدە قىش مەزگىلى ھەم چاغانلىق يولۇچى توشۇشمۇ كېلەي دېدى. ئايروپورتتا ئوتتۇرىدا ئالمىشىش ئۇلانما مۇساپىسى پۇكىيىنىڭ ئېچىلىشى يولۇچىلارنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسى سىرتىغا چىقىپ-كىرىپ مۇزلاپ كېتىش ۋە سومكا، يۈك-تاقلىرىنى سۆرەپ كۆپ قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش قاتارلىق مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئۇلار ئۈچۈن قولايلىق مۇلازىمەت قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يولۇچىلارنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىدۇ: يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇ…
    ·بۇ يىل يەسلى مائارىپى مۇنداق بولىدۇ (سىياسەت يەشمىسى . دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا، دەردىگە مۇجەسسە…
    ·چىرا ناھىيەسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 130 ئوقۇغۇچىغا 780 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى
    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…