باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باغداتدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 27 ئادەم ئۆلدى، 91 ئادەم يارىلاندى

2018.01.16 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 15- چېسلا جەزىملەشتۈرۈشىچە، پايتەخت باغداتنىڭ شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 27 ئادەم قازا قىلىپ، 91 ئادەم يارىلانغان.

  ھۇجۇم يۈز بەرگەن نۇقتىدىكى سەھىيە تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يارىدارلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان نەچچە دوختۇرخانا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزماقتا، كۆپ قىسىم يارىدارلار دەسلەپكى قەدەمدە قۇتقۇزىۋېلىندى، ئەڭ ئاخىرقى تالاپەت سانىدا يەنە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.

  ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر نەپەر خەۋەر قىلغۇچى خادىمىنىڭ ئىلگىرىكى ئېتىراپ سۆزىدە دېيىلىشىچە، باغداتنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى ئادەملەر زىچ توپلىشىدىغان ئالەم مەيدانىدا 15- چېسلا ئەتىگەندە ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ئىككى كىشى بىر توپ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى يېنىغا كېلىپ بەدەنلىرىدىكى بومبىنى پارتلاتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر