باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن تېلېفۇنلاشتى

2018.01.12 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- يانۋار تەكلىپكە بىنائەن كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن بىلەن تېلېفۇنلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى يېقىندا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق -ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زور رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتتۇق. جۇڭگو جۇڭگو- كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشلىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدىن مەمنۇن. يېڭى بىر يىلدا، جۇڭگو كورېيە بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازۇك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

  مۇن جېئىن جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يېقىندىكى زىيارىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى، كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق -ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى ھەم يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. جۇڭگونىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر