باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سات كەنتىدە دۆلەت تىلىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2018.01.16 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك ئۈچ ئەل خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن قاراتال بازىرى سات كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تەشكىللىشىدە دۆلەت تىلى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  مۇسابىقە سوئاللىرى ئادەتتە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بولۇپ، مۇسابىقىگە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

  مۇسابىقە ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى، ماھىرلار بەس-بەستە سوئاللارغا جاۋاب بەردى، تاللىشىپ جاۋاب بېرىش باسقۇچى مۇسابىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر مەخمۇت ئەزىز مۇنداق دېدى: «مەن دۆلەت تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلچەملىك دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلەشكە تىرىشىمەن».

  كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن ئۇبۇل مۇنداق دېدى: «بۇلتۇردىن بۇيان، بىز كەڭ دېھقانلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە بولغان ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەنتىمىزدە دۆلەت تىلى ئۆگىنىش كەچ كۇرس دەرسخانىسى تەسىس قىلدۇق، دېھقانلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز ئىنتايىن سۆيۈندى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت تىلى ئۆگىنىش دەرسخانىمىزنى داۋاملىق ئېچىپ، دېھقانلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر