باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرمىدا ئالتە بال يەر تەۋرىدى

2018.01.12 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېرما مېتېئورولوگىيە ۋە سۇ رايى ئىدارىسى 12-ئىيۇل ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، بېرمىدا شۇ كۈنى سەھەردە ئالتە بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېيتتى. ھازىرچە ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى سائەت 0دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئىككىدىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە) يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى باگو ئۆلكىسى پىئاۋ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 27 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا بولغان.

  بېرمىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى رانگوندا يەر تەۋرەش تەسىرى كۈچلۈك بولدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، نۇرغۇن كىشى ئۆيلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك تەۋرىنىشىنى ھېس قىلغان، بەزىلەر ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈشتىن ئەنسىرەپ كوچىغا قېچىپ چىققان.

  بېرما مېتېئورولوگىيە ۋە سۇ رايى ئىدارىسىنىڭ دىيىشىچە، بۇ قېتىم ئالتە بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، پىئاۋ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى باگو تاغ تىزمىلىرىدا يەنە ئىككى قېتىم 5.3 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر