خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 10-يانۋار چۈشتىن كېيىن فىنومپېندىكى تىنچلىق سارىيىدا لەنساڭجياڭ-مىكون ھەمكارلىقى 2-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بىلەن كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن، تايلاند زۇڭلىسى پىرايۈ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ، بېرمىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ۋۇ مىنرۈي يىغىنغا قاتناشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: لەنساڭجياڭ-مىكون ھەمكارلىقى دەريا ھەۋزىسىدىكى ئالتە دۆلەت ئورتاق بەرپا قىلغان يېڭى تىپتىكى ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىق مېخانىزمى بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇدىغان مۇھىم سۇپا. ئىككى يىلدىن بۇيان، بىز تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، باراۋەر كېڭىشىش، ئەمەلىي-يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، ئېچىۋېتىش- سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك ھەمكارلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۆلچەردىكىدىنمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، «رەھبەرلەر يېتەكلەيدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان، تارماقلار قاتنىشىدىغان» لەنساڭجياڭ-مىكون ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق، «كۈندە ئىلگىرىلەيدىغان، ئايدا نەتىجىگە ئېرىشىدىغان، يىلدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغان» لەنساڭجياڭ-مىكون سۈرئىتىنى ياراتتۇق، «ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، سەمىمىي نىيەتتە ئۆز ئارا ياردەملىشىدىغان، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان» لەنساڭجياڭ-مىكون مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدۇق.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى