باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدىن پۇتبول مەيدانىغىچە

31 ياشلىق بولت دورتمۇندقا كىرىپ سىناق مەشىق قىلىشنى قارار قىلدى

بولتنىڭ ئارزۇسى ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىغا كىرىش ئىكەن

2018.01.10 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاللىقاچان يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدىن چېكىنگەن بولتنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر دورتمۇند كۇلۇبىغا كىرىپ سىناق مەشىق قىلىشنى قارار قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولغان مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىغا كىرىش ئىكەن.

  بولت بۇ يىل 3-ئايدا دورتمۇند كوماندىسىغا ئەگىشىپ مەشىق قىلىدۇ. 31 ياشلىق بۇ مانچېستېر توپ مەستانىسى ئۆزىنىڭ يەنىلا «قىزىل ئالۋاستى»نىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: ھالقىلىق پەيتتە، كونا مۆتىۋەر فېرگۇسوننىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇ: «3-ئايدا، مەن دورتمۇندقا كىرىپ سىناق مەشىق قىلىمەن، شۇ چاغدا مەن توپچى بولسام نېمە قىلالايدىغانلىقىمنى، قانداق تەرەققىي قىلىشىمنى بىلەلەيمەن. ئەگەر ئۇلار مېنى يامان ئەمەسكەن، دېسە، تېخىمۇ كۆپ مەشىق قىلىشىم كېرەك بولسا، ئۇنداقتا مەن تېخىمۇ كۆپ مەشىق قىلىمەن»، دېدى.

  2017-يىلى 8-ئايدا بولت سەپتىن چېكىندى. ئۇ تېخى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى قارار قىلمىدى. ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبىنىڭ توپچىسى بولۇش پۇرسىتىم بار، دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى بەك كۆپ كۆرگەن، پۇتبولنى چۈشىنىمەن ھەم پۇتبول تېپىمەن، مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيمەن. مەن بوگبا بىلەن نۇرغۇن قېتىم پاراڭلاشقان، ئۇنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرگەن، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدىم. مېنىڭ توپ تەپكۈم بار، لېكىن چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە كوماندىغا بېرىپ توپ تېپىشىم كېرەك. مەن ئادەتتىكىچە بولۇشقا قانائەتلەنمەيمەن»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر