باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ شىمالىي ياۋروپا پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.01.09 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا بىرلەشمە زىيارەتكە كەلگەن شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشتى، ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ياخشى بولدى. بۇ قېتىم ھەر قايسى دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا بىرلەشمە زىيارەتكە كېلىشى-ئىككى تەرەپلىك ئالاقىدە مۇھىم يېڭىلىق ياراتتى شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە، بىرىنچىدىن، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرى، بىر-بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ھۆرمەتلىشى؛ ئىككىنچىدىن، قانۇن چىقىرىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىشى؛ ئۈچىنچىدىن، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جاڭ دېجياڭ يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر