شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلاردىن لى شياڭ بىر ئائىلىلىك كىشىلىرى قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى ئاينۇرخان مەمەتتۇرسۇننىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ باردى ۋە قۇربان تۇلۇمنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، قاراماي شەھىرى تارىخىدا يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولدى، بۇ كۈندىن باشلاپ قاراماي شەھىرى رەسمىي ھالدا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەھەر» قۇرۇشقا ئاتلاندى.
قاراماي شەھىرىنىڭ نوپۇسى 400 مىڭدىن ئاشىدۇ، ناۋادا نوپۇس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، بۇ بىر كىچىك شەھەر ھېسابلىنىدۇ. ئەگەردە بۇ 400 مىڭ كىشى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلانسا، شەك- شۈبھىسىزكى، بۇ بىر چوڭ ئائىلە ھېسابلىنىدۇ.
يېقىندا ئاياغلاشقان «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە، قاراماي شەھىرىدە پۈتۈن شەھەر بويىچە ئائىلىلەردە تۇرۇش تولۇق قاپلىنىش، تەشۋىقات بىلەن تولۇق قاپلىنىش، نامراتلىقنى ھەل قىلىپ، مائارىپقا ياردەم قىلىشتا تولۇق قاپلىنىش، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش تولۇق قاپلىنىش، ئاخىرقى نۇقتىنى نازارەت قىلىش تولۇق قاپلىنىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»نى قانات يايدۇرۇش پائالىيىتى %100 ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى