خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئېلىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر D توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق گاۋجىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق 03، 04 سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ ئوڭۇشلۇق ھالدا كۆزلىگەن ئوربىتاغا كىردى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ 2018- يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى