سۈرەتتە: كۆرۈرمەنلەر ۋېنگىرىيەلىك داڭلىق رەسسام ئانتون مولنارنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلىرىنى كۆرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو خەتتات- رەسساملار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو-شەرقىي ياۋروپا مەدەنىيەت-ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «بىر بەلباغ، بىر يول — ئورتاق قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش» جۇڭگو ئارزۇسى، مەدەنىيەت ئارزۇسى مەشھۇر خەتتات- رەسساملارنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك سەييارە كۆرگەزمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان كۆرگەزمىسى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى بېيجىڭدە باشلاندى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەسسام ۋە خەتتاتلارنىڭ مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆرگەزمىدە 300 نەپەرگە يېقىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەتتاتلىرى ۋە رەسساملىرىنىڭ 1100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 100 پارچىدىن ئارتۇقراقى ماي بوياق رەسىملەر، 400 پارچىدىن ئارتۇقراقى ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ۋە 600 نەچچە پارچە جۇڭگوچە رەسىملەر بار ئىكەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق كۆرگەزمە بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى.
خېنەندىن كەلگەن 78 ياشلىق رەسسام شياۋ پىڭ ئەپەندى كۆرگەزمىگە 2010- يىللىق گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن «تۆت پەسىلدىكى نېلۇپەر» دېگەندەك ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇردى. 60 نەچچە يىللىق رەسساملىق ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە، ئۇ نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى، گەرچە 60 نەچچە يىل تاغ-دەريا رەسىملىرىنى سىزغان بولسىمۇ، يەنە داۋاملىق ئۆگىنىۋاتقانلىقى ھەمدە يېڭىلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى، رەسىم سىزىشنىڭ ئۇنىڭ بىر خىل بەھرىمەن بولۇش جەريانى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم، بۇ ئارقىلىق، رەسساملىق ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم»، دېدى.
رەسسام شى چىن خانىم ئۆزى سىزغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۈرىتىنى تونۇشتۇرغاندا، ئۆزىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ گۈللەنگەن ۋە ئىتتىپاقلاشقان ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىشنى ھەمدە مەدھىيەلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەتتات ۋە رەسساملارنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتتى.
شىنجاڭلىق رەسسام نۇرمەمەت ئىبراھىمنىڭ بەش پارچە ئەسىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى، ئۇ ئۆز ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇپ: ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشىدىن كەلگەنلىكىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىڭئۆي تام سىزمىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان بۇ ماي بوياق رەسىملىرىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئىلگىرى پەقەت ئالاقىدار كىتاب-ژۇرناللاردىلا نامىنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتىم ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە چەت ئەللىك بىر قىسىم رەسساملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ماي بوياق رەسىملەرگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، بۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمگە زور ياردەم بېرىدۇ»، دېدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كورلا شەھىرىدىن كەلگەن خەتتات چېن يەنشېڭ غۇز قۇيۇن ئۇسسۇلى ئۇسلۇبىدىكى خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى سەييارە كۆرگەزمىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت گۈللىنىشىدىكى كاتتا مەرىكە ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»غا مەدھىيە ئوقۇپ، گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى دۇنياغا تارقىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ بېيجىڭدىكى تۇنجى كۆرگەزمىسى 1- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى