باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىلى شىنجاڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 10 مىليون 460 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈلىدۇ

2018.01.09 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 10 مىليون 460 مىڭ كىشىگە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 18 مىليون 300 مىڭ كىشىگە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 2 مىليون 490 مىڭ كىشىگە، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 2 مىليون 640 مىڭ كىشىگە، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 2 مىليون 580 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  8-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن، يېڭىدىن 1 مىليون 600 مىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىلىپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسە جىسمانىي سۇغۇرتا ئومۇمىي خەلقنى قاپلايدىكەن، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئاساسي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنى قاپلايدىكەن.

  ئىجتىمائي سۇغۇرتىنى ياخشىلاش سىياسىتى جەھەتتە، 2018-يىلى شىنجاڭدا كۈتۈلمىگەن جىسمانىي سۇغۇرتا سىياسىتى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۈزلۈكسىز مۇقىم يۈرگۈزۈلۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى، نامرات ئاھالە قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا سىياسىي جەھەتتىن مايىللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلىدىكەن. ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش فوندىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەش يولغا قويۇلۇپ، ئالدىنى ئېلىش، تۆلەم بېرىش، داۋالاپ ساقايتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن «ئۈچىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈم سىستېمىسى يولغا قويۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر