خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-يانۋار خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ قويۇق ھەم ھەم سىجىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، ئۇزاق داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ماكرون 2018-يىلى ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى چەت ئەل دۆلەت رەھبىرى، شۇنداقلا ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى رەھبىرى. جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ئۆزگىچە تارىخقا ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردا، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلىنىپ، تېخىمۇ پىشىپ يىتىلىپ مۇقىملاشتى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى