باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2018.01.09 16:46   مەنبە: خەلق تورى

2017-يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە «يىللىق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش سانىنى 100 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش» نىشانى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچى 100 مىليون 250 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، شۇ يىللىق نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلانغان. 100 مىليون ئادەم قېتىملىق چوڭ نىشاننى ئورۇندىغان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئىزىدا توختاپ قالماي، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 105 مىليون 619 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.41 ئاشقان. ساياھەت ئىستېمال قىممىتى 179 مىليارد 114 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.27 ئېشىپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى ۋە ساياھەت ئىستېمالى ئومۇمىي سوممىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، پۈتۈن بىر يىلدا بىرمۇ زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆرۈلمەسلىك، بىرمۇ سۈپەتسىز ساياھەت مۇلازىمىتى ۋەقەسى بولماسلىق، بىرمۇ زور ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇلغاش ۋەقەسى بولماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى ساغلام، بىخەتەر، تەرتىپلىك تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى