باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەتتات چېن يەنشېڭنى مەخسۇس زىيارەت: جۇڭگو خەتتاتلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆرلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ

غۇز قۇيۇن ئۇسسۇلى خەتتاتلىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا

2018.01.09 15:11   مەنبە: خەلق تورى

خەتتات چېن يەنشېڭنى مەخسۇس زىيارەت: جۇڭگو خەتتاتلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆرلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8 – يانۋار خەۋىرى: «بىر بەلباغ، بىر يول — ئورتاق قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش» جۇڭگو ئارزۇسى، مەدەنىيەت ئارزۇسى مەشھۇر خەتتات- رەسساملارنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك سەييارە كۆرگەزمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، خەتتات چېن يەنشېڭ مۇنداق دېدى: «ئىزلاپ يېزىش ۋە قەدىمكىگە تەقلىد قىلىپ يېزىشنىلا مەقسەت قىلغان ئىلگىرىكى خەتتاتلىق تەربىيەسى ۋە خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرى بولسا، ئۇ پەقەت ئاڭسىز ۋە پاسسىپ ھالدىكى يېزىش بولۇپ، ئۇنىڭدا، ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭدا خەتتاتلىق ئىجادىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىگە سەل قارىلىدۇ».

  1- ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو خەتتات-رەسساملار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو-شەرقىي ياۋروپا مەدەنىيەت-ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «بىر بەلباغ، بىر يول — ئورتاق قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش» جۇڭگو ئارزۇسى، مەدەنىيەت ئارزۇسى مەشھۇر خەتتات-رەسساملارنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك سەييارە كۆرگەزمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان كۆرگەزمىسى بېيجىڭدە باشلاندى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەسسام ۋە خەتتاتلارنىڭ مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كورلا شەھىرىدىن كەلگەن خەتتات چېن يەنشېڭ ئېلىپ كەلگەن «غۇز قۇيۇن ئۇسسۇلى خەتتاتلىقى» ناملىق ئەسەرلەر كۆرگەزمىگە قاتناشقان خەتتاتلار ۋە كۆرگەزمىگە كەلگەن ھۆسىنخەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  چېن يەنشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، غۇز قۇيۇن ئۇسسۇلى جۇڭگونىڭ قەدىمكى غەربىي يۇرت ئۇسسۇلى بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى روناق تاپقان دەۋردە كەڭ ئومۇملاشقان، تاڭ سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن يوقىلىپ كەتكەن. غۇز قۇيۇن ئۇسسۇلىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز، شادىمان، مەردانە، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، چېن قارا ئىجاد قىلغان غۇز قۇيۇن ئۇسسۇلى ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە رەسىملەرنىڭ كۆرۈش ئۈنۈمىنى نامايان قىلىدۇ.

  چېن يەنشېڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  چېن يەنشېڭ، شىنجاڭ كورلىلىق، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ بايىنغولىن ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى. ئۇنىڭ شېئىر ، نەسىر ۋە ھېكايىلەر توپلىمى «شەرققە قايتقان قەھرىمانلارغا مەدھىيە»، «چېن يەنشېڭ ئىجادىيەت ئېستېتىكىسى پروگراممىسى»، «تۆۋەن كاربونلۇق سەنئەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 2012- يىلى، چېن يەنشېڭنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلەر توپلىمى «پاراسەت خەتتاتلىقى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، 2016-يىلى 6- ئايدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «پاراسەت خەتتاتلىقى» كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى