ئاكادېمىك خۇ يۈندې ئىشخانىسىدا ماتېرىيال كۆرمەكتە (2017-يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: SARS ۋىرۇسى، ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى، زىكا ۋىرۇسى، ئېبولا ۋىرۇسى..... پۇقرالار ۋىرۇسنىڭ گېپى چىقسىلا، بەك قۇرقۇپ كېتىدۇ. «ۋىرۇس»نىڭ ئادەم تېنىدىكى ھۆجەيرىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، جىگەرگە زور تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئادەم تېنىدىكى ھۆجەيرىلەر نورمال ئۆسۈپ يىتىلەلمەيدۇ، ھەتتا ئادەمنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. خۇ يۈندې ئاكىسىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان تارقىلىشچان ۋىرۇستىن نەپرەتلگەن، كىچىكىدىن باشلاپ ۋىرۇسنىڭ كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، تىبابەت ئۆگىنىشكە بەلباغلىغان. يول يىراق بولسىمۇ، ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلىسە نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ، ئىش چوڭ بولسىمۇ، قەتئىي ئىرادە باغلىسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. ۋىرۇس بىلەن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان يۇقۇمدىن ساقلىنىش قەھرىمانى خۇ يۈندې 8- يانۋار «خەلق»سارىيىدا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئالىي مۇكاپاتىنى تارقىتىش سەھنىسىگە چىقتى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان خۇ يۈندې يېشى 90 گە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ھېلىھەم خىزمەت قىلماقتا. بۈگۈن بىز ئۇنى زىيارەت قىلدۇق.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى